ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش قەدىمىنى تېزلەشتۈردى

ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش ھوقۇقىنىڭ ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇلۇشى تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسى پارلامېنتقا سۇنۇلدى.

660099
ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش قەدىمىنى تېزلەشتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتكە بېرىش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسى پارلامېنتقا يېتىپ كەلدى. ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش باسقۇچى لىسبون كېلىشىمىنىڭ 50-ماددىسىنى ئىجرا قىلىش بىلەن باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ماددىنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتكە بېرىش تەكلىپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسى پارلامېنتقا سۇنۇلدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 50-ماددىنى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ئۆزىگە بېرىشنى تەكلىپ قىلغان ئىككى ماددىلىق قانۇن لايىھەسى تەييارلىدى. لايىھە سەيشەنبە (31-يانۋار) كۈنى پارلامېنتتا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئەگەر قانۇن ماقۇللانسا، باش ۋەزىر تېرېسا مېي ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن رەسمىيەتلەرنى باشلىيالايدۇ. بىراق، مۆتىدىل تەرەپدارلارنىڭ لايىھەگە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ، قارار چىقىرىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش مۇمكىنلىكىمۇ پەرەز قىلىنماقتا. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىش باسقۇچى باشلىنىپ ئىككى يىلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغان بولىدۇ.

2016-يىلى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاشتا، خەلقنىڭ %52 ى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چىقىپ كېتىشنى قوللىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر