سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى كېچىكتۈرۈلدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، 8 – فېۋرالدا باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئاي ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
![سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى كېچىكتۈرۈلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6c8a/bb6e/9a60/5879d91ad1205.jpg?time=1719132645)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، شېۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە 8 – فېۋرالدا باشلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئاي ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
موسكۋادا سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن لاۋروۋ، جەنۋە سۆھبەتلىرىنىڭ 8 – فېۋرالدىن فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، سۆھبەتلەرنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش سەۋەبى توغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى.
سېرگېي لاۋروۋ، ئاپرېل ئېيىدىن بۇيان جەنۋە سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرالمىغان ب د ت دىكى كەسىپداشلىرىنىڭ پاسسىپلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
جەنۋەدىكى تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىقى 2016 – يىلى ئاپرېل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
بۇ جەرياندا، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.