جەنۋە ئۇچرىشىشلىرى كەينىگە سۈرۈلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 8-فېۋرال شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنغان سۈرىيە تىنچلىق ئۇچرىشىشلىرىنىڭ فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

660444
جەنۋە ئۇچرىشىشلىرى كەينىگە سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋادا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە جەنۋە ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ: «ئۇچرىشىشلار فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىغا كېچىكتۈرۈلدى» دېدى. ئەمما، كېچىكتۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىدى. ئۇ سۆزىدە، 2016-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن تارتىپ جەنۋە سۆھبەتلىرىنىڭ يېڭى ئۇچرىشىشلىرىنى ئۆتكۈزەلمىگەن ب د ت دىكى كەسىپداشلىرىنىڭ پاسسىپلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلارغا، سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بېسىلغان يېڭى ۋە مۇھىم قەدەم دەپ باھا بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، ئاستانادا تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ كاپالەتلىك قىلىشى ئاستىدا ئېلان قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئاستانادا رۇسىيەنىڭ تەرەپلەرگە سۇنغان ئاساسىي قانۇن تەكلىپى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۆزى تۈزگەن ئاساسىي قانۇن تەكلىپىنى ھېچكىمگە مەجبۇرىي تاڭمايدىغانلىقىنى، بەلكى جەنۋەدە مۇزاكىرەگە قويۇلۇش ئۈچۈن تەرەپلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تۈركىيە ۋە ئىران بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشنى پىلان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.       



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر