تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن موقدىشودا ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى چۈشكەن مېھمانساراينىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن، كۆپ ساندا كىشى ئۆلگەن ۋە يارىلانغان بومبا ھۇجۇمىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

659714
تۈركىيە سومالىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەنگەن ۋە يېقىن – يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. سومالىدا پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلاشقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن ھۇجۇم دۆلەتنىڭ مۇقىملىق مۇساپىسىغا زىيان يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان دەپ قارالماقتا. بىز بۇنداق ۋەھشىيانە ھۇجۇملار سومالىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالمايدۇ دەپ قارايمىز. تۈركىيە سومالىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ھەمىشە سومالىغا قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىدۇ، داۋاملىق دوست ۋە قېرىنداش سومالى خەلقىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالىدۇ.»

دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پايتەخت موقدىشودا 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 25 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەباب ئۆز ئۈستىگە ئالغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر