يېڭى دۇنيا - دۇنيانى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى

4 دۆلەتتىكى4 ئوخشىمىغان سىياسىي ئاڭغا ئىگە 4 رەھبەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارمنىڭ ھەممىسى كونا تۈزۈم ئارقىلىق جان باقىدىغان مەركەزلەردىن بولۇشى تاسادىپىيلىقمۇ؟

658870
يېڭى دۇنيا - دۇنيانى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 45 – نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالماي تۇرۇپلا نۇرغۇن ئىغۋاگەرلىكلەرگە تېما بولدى. ئۆزىنىڭ دېموكراتىيەسى بىلەن ماختىنىدىغان ئامېرىكا بىردىنلا ئۆزىنىڭ تۈزۈمىنى تەنقىد قىلىدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

بەزى كۈچلەر پىرېزىدېنت سايلىمىغا ھىيلە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىدىغان بولۇپ قالدى. 1945 – يىلدىن بۇيان «دۈشمەن كۈچ» دەپ قاراپ كەلگەن رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنت سايلىمىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى سىياسىيونلار ۋە تاراتقۇلار ئارقىلىق يايدى. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ سايلام بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلالمايدىغان ئاجىز بىر دۆلەت ئىكەنلىكى ئېڭى دېگۈدەك پۈتكۈل دۇنيادا تارقىلىشقا باشلىدى.

 يەر يۈزىدە ھېچقانداق بىر دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىمايدۇ. ھەتتا ئاجىز ھاكىمىيەتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن «تەتقىقات شىركەتلىرى» گە مىليونلارچە دوللار خەجلەيدۇ. لېكىن ئامېرىكا مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەت ئورگانلىرى گويا ئۆز دۆلىتىنىڭ سايلام بىخەتەرلىكىگە كپالەتلىك قىلالمىغانلىقىنى پۈتكۈل دۇنياغا يايدى.

دېموكراتلار ۋە كۆپلىگەن مۇھىم دۆلەت ئورگانلىرى ئۆز دۆلىتىنى ئاجىز قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، يېڭى پىرېزىدېنت ترامپ ھە دېسىلا دۆلىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئىشەنچىلىك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھە دەپ دۆلىتىنى  پۈتكۈل دۇنياغا يامان قىلىپ كۆرسەتمەكتە.

بۇنداق ئەھۋالنى بۇنىڭدىن بىرقانچە يىل ئىلگىرى رۇسىيەمۇ باشتىن كەچۈرگەنىدى. كوممۇنىست ھاكىمىيەت يىمىرىلگەندىن كېيىن رۇسىيەدە ناھايتى زور قالايمىقانچىلىق ئوتتۇرىغا چىققان، دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلقنىڭ شان – شەرىپى يەر بىلەن يەكسان بولۇپ كەتكەنىدى.

كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن بىرلىكتە ئونلارچە يىل غەرب دۇنياسىنىڭ قورقۇنۇچلۇق چۈشى بولغان قىزىل ئارمىيەنىڭ ئىناۋىتىمۇ تۆكۈلۈپ كەتكەنىدى. داڭلىق گېنېراللارنىڭ جان ساقلاش ئۈچۈن قورال - ياراغ ۋە ئوق - دورا ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقىغا دائىر مىڭلارچە خەۋەر دۇنيا تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغانىدى.

گېنېراللار يېنىك تىپتىكى قورال – ياراغلارنىلا ئەمەس، بىرونېۋىكلاردىن تانكىلارغىچە قول ئىلكىدىكى بارلىق قوراللارنى ساتاتتى. قورال - ياراغ قاراڭغۇ بازارلىرىدا رۇسىيەنىڭ راكېتالىرى بەزىدە 30 دوللارغا چۈشۈپ قالغانىدى.

رۇسىيەلىك ئالىملار، دوختۇرلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئانىلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى تەرك ئېتىپ، تىلىنى بىلمەيدىغان چەت ئەل دۆلەتلىرىگە كېتىپ، 150 – 200 دوللار مائاشقا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەرنى قىلىشقا باشلىغانىدى. ھەر بىرى ئونلارچە مىليون قىممىتىدىكى ھېچ پالتىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان رۇس ئورمانلىقلىرى 3 – 5 مىڭ دوللارغا سېتىلاتتى. بىنا ۋە رۇس بىناكارلىقىنىڭ نامايەندىسى ھېسابلىنىدىغان نادىر ئىمارەتلەر 3 – 5 مىڭ دوللارغا سېتىلاتتى.

رۇسىيە ئەنە شۇنداق پەرىشان بىر ۋەزىيەتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، سېرگېي پۇتىن ئىسىملىك بىر رۇس ئوتتۇرىغا چىقىپ، دۆلىتىنى ۋە خەلقىنىڭ شان – شەرىپىنى قايتىدىن يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، پۇتىننىڭ بۇ سۆزلىرى رۇسلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، خەلق ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىنىشقا باشلىغانىدى.

شۇنىڭ بىلەن، نۆۋەتتە بەزى كۈچلەر ترامپقا ھۇجۇم قىلغاندەك، رۇس ئولىگارخلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كونا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ئارقىلىق جان باقىدىغانلارمۇ پۇتىنغا ھۇجۇم قىلغانىدى.

پۇتىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئۇزۇن يىللار ئولىگارخلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كونا ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدىن پايدىلىنىپ جان باقىدىغانلار قانۇنلۇق ھاكىمىيەتكە بويسۇنمىدى، ئەكسىچە گويا دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەتتەك پوزىتسىيە تۇتۇشنى داۋاملاشتۇردى.

 ترامپقا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بىر ئوخشىشى 2002 – يىلى تۈركىيەدە خەلقنىڭ قىزغىن قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قىلىندى. مىڭلارچە يىللىق ئىمپېرىيە تەجرىبىسىگە، مول ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىققا ئىگە بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى ئەردوغاندىن بۇرۇن 1 مىليون دوللارغا مۇھتاج ھالغا كەلتۈرۈلگەنىدى. دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ئىناۋىتى قالمىغان، قانۇنسىز كۆچلەر ۋە ئۇلارنىڭ دۆلەت ئورۇنلىرىدىكى شېرىكلىرى دۆلەتنى سەككىز ئاياغتەك چىرمىۋالغانىدى. بەلگىلىمىلەر قانۇننىڭ ئەمەس، ئەكسىچە ئاشۇنداق كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋكىللىك قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنىدى.

ئەردوغانمۇ 15 يىل بۇرۇن خۇددى ترامپقا ئوخشاش خەلقىگە دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باي بىر مەملىكەتكە ئايلاندۇرۇش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەن، بۇ ۋەدىلىرىگە ئۇيغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. دەرۋەقە، ھاكىمىيەت بېشىغا چىقار - چىقماس تۇنجى قىلغان ئىشى قانۇنسىز ئىقتىسادىي قىلمىشلارغا قارشى كۈرەش بولدى.  ئەردوغان بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى جارى قىلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى ناھايتى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا قانۇن – بەلگىلىمىەرنىڭ پۈتكۈل خەلققە ئوخشاش سەۋىيەدە ئىجرا قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ قارا داغلىرىدىن بىرى بولغان سەھىيە ساھەسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ ھەقسىز داۋالىنىش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بېرىدىغان 5 مىليون دوللار ئۈچۈن كۈنلەرچە ئىشىكلەرنىڭ ئالدىدا ساقلايدىغان تۈركىيە بىردىنلا قەددىنى رۇسلىدى.

مانا مۇشۇنداق ھالقىلىق بىر پەيتتە، تۈركىيەدىكى مەۋجۇت تۈزۈمدىن پايدىلىنىپ جان باقىدىغان كارخانىچىلار، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە بىيۇروكراتىيە ئەردوغانغا قارشى ئومومىيۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى. باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە ئۇزۇن مۇددەت ئارمىيە ۋە ئەنقەرە بىيۇروكراتىيەسى قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىغا بويسۇنماسلىقتا چىڭ تۇردى. ھەتتا ئارمىيە ئەردوغانغا قارشى مېموراندۇم ئېلان قىلدى، ئەمما كۈتۈلمىگەن جاۋابقا ئېرىشتى. ئەردوغان مېموراندۇمغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ھەربىي ئىسيان كۆتۈرمەكچى بولغانلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى.

ئەردوغان مېموراندۇمنى قاتتىق ئۇسلۇبتا رەت قىلىپ، ئۇنى ئېلان قىلغان ئەسكەرلەرنى غىڭ قىلالماس قىلىپ قويدى. تۈرك تارىخىدا ئارمىيەنى بۇيرۇقىغا بويسۇندۇرغان 2 – مەھمۇدتىن تەخمىنەن 200 يىل كېيىن تۇنجى قېتىم بىر پۇقراۋى رەھبەر ئارمىيەنى كونترول ئاستىغا ئالدى. ئەردوغاننىڭ ئارمىيەنى كونترول ئاستىغا ئېلىشى تۈرك تارىخىدىكى ناھايتى مۇھىم بىر ۋەقەدۇر.

 جەمئىيەتنىڭ ئۈستىدە خۇددى بەدەننى قاپلاپ كەتكەن ئۆسمىگە ئوخشاش تۇرۇۋاتقان تۈزۈمنى ئۆزگەرتمەكچى بولغان بىرازىلىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دىلما روسسېفكىمۇ پۇتىن، ئەردوغان ۋە ترامپقا ئوخشاش بوھتانلار چاپلاندى.

كونا ماركسىزمچى مىلىتان بولغان روسسېفمۇ خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققانىدى. يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىق مەنبەلىرى مول بولغان دۆلىتىنىڭ نامراتلىق ئىچىدە ئۆتۈشىگە ئىسيان كۆتۈرگەن بىرى سۈپىتىدە خەلقىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانىدى. ئۇمۇ قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە دۆلەت كىرىملىرىنىڭ بارلىق پۇقرالار ئارىسىدا باراۋەر تەقسىم قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ ساھەدە تۈرلۈك لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما كۈتۈلمىگەندە روسسېفمۇ بۇرۇنقى بۇزۇق تۈزۈمنىڭ ئولىگارخلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بىرازىلىيەدىمۇ خەلق تەرىپىدىن سايلانغان بۇ رەھبەرلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار ھەمىشە ھاكىمىيەتنىڭ تىزگىنىنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋالغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بىرازىلىيە خەلقى تۈركلەر ۋە رۇسلارغا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى قوغدىيالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت قايتىدىن كونا تۈزۈمگە قايتتى، نەتىجىدە بايلار تېخىمۇ باي بولىدىغان، كەمبەغەللەر تېخىمۇ نامراتلىشىپ كېتىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. شۇنداق قىلىپ، بىرازىلىيەدىكى ئىنقىلاب يېرىم قالدى.

 ترامپمۇ بەختسىز ۋە نامرات ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە، دۆلىتىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغانلىقىنى ۋە قانچە ئون مىليون بەختسىز كىشىلەرنى بەختكە ئېرىشىتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا، كونا ئولىگارخ تۈزۈمنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن ئادىل ۋە دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر تۈزۈم ئورنىتىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرمەكتە. ئامېرىكا خەلقىنىڭ تۈركلەرگە ئوخشاش ئۆزلىرى سايلىغان رەھبىرىگە ساھىب چىقىپ چىقالمايدىغانلىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ.

ئەجەبا 4 دۆلەتتىكى4 ئوخشىمىغان سىياسىي ئاڭغا ئىگە 4 رەھبەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارمنىڭ ھەممىسى كونا تۈزۈم ئارقىلىق جان باقىدىغان مەركەزلەردىن بولۇشى تاسادىپىيلىقمۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر