خىتاي بىلەن سىنگاپور ئوتتۇرىسىدا بىرونېۋىك ئاپتوموبىل كىرىزىسى

خوڭكوڭ بۇلتۇر دېكابىردا تاموژنىدىن ئۆتكۈزمىگەن 9 دانە بىرونېۋىك ئاپتوموبىلنى سىنگاپورغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.

658777
خىتاي بىلەن سىنگاپور ئوتتۇرىسىدا بىرونېۋىك ئاپتوموبىل كىرىزىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى تاموژنا ئىشلىرى مەسئۇللىرىدىن روي تاڭ ئىستىراتېگىيەلىك مەھسۇلاتلارنى تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىنسا، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاڭ 23 – نويابىر كۈنى خوڭكوڭ پورتىدا تاموژنا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن تاموژنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان 9 دانە بىرونېۋىك ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى، شۇڭا سىنگاپورغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سىنگاپورغا ئائىت 9 بىرونېۋىك ئاپتوموبىل بۇلتۇر 23 – نويابىر كۈنى تەيۋەندە ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقاندىن كېيىن خوڭكوڭ پورتى ئارقىلىق سىنگاپورغا قايتىش يولىدا خوڭكوڭ تاموژنىسىدىن ئۆتەلمىگەنىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، سىنگاپورنى تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بىرلا خىتاي سىياسىتىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر