فىرانسىيە دۇنيا بويىچە يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

فىرانسىيە توك ئېلېكتىر ئېھتىياجىنىڭ %70نى يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تەمىنلەش ئارقىلىق بۇ ساھەدە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى.

658631
فىرانسىيە دۇنيا بويىچە يادرو ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدىكى 3 تېلېۋىزور قانلىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، فىرانسىيەنىڭ توك  ئېھتىياجىنىڭ %76نى يادرو ئېنېرگىيەسى ئىستانسىسىلىرى تەمىنلەيدىكەن.

بۇ ئېھتىياجنىڭ %16سى يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىدىن، %6سى تېرمېك ئىستانسىسىلىرىدىن تەمىنلىنىدىكەن.

فىرانسىيەدىكى يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرىدا خىزمەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى 220مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن، يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 46 مىليون ياۋرو ئەتىراپىدا بولىدىكەن.

فىرانسىيەدە ئالەم قاتنىشى ۋە ئاپتوموبىل سانائىتىدىن كېيىن يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرى ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي ساھەنى تەشكىل قىلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردا يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرىغا بولغان نارازىلىقلار ۋە كونا ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرىنى تاقىۋېتىشقا بولغان بېسىملارغا قارىتا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى سوتسىيالىست ھۆكۈمەت 2025-يىلغىچە يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىسىلىرىنىڭ توك ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئۈلۈشىنى %50گە تۆۋەنلىتىشكە ۋەدە بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر