ئامېرىكا تۈركىيەنى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈركىيەنى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

657944
ئامېرىكا تۈركىيەنى دائېشقا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلەردە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پېنتاگون باياناتچىسى ئوفېستىر جېف دېيۋىس، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئەل-باب رايونىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇپ ئېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى، شۇڭا تۈركىيەنى بۇ جەھەتتە قوللايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئوفېستىر دېيۋىس تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغان كۈندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر جەرابلۇس، ئەل راي ۋە دابىقنىڭ دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇپ ئېلىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيە قىسىملىرىنى قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنى قوللاۋاتقان كۈچلەر دابىقنى قايتۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئەل-بابقا مەركەزلەشتى، بىز بۇنى قوللايمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئەل-بابنى دائېشتىن قايتۇرۇپ ئېلىشىنى خالايمىز. تۈرك ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي مەنسەبداشلىرىمىز بىلەن بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتىمىز.»

ئوفېستىر دېيۋىس تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر