پەلەستىن ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

پەلەستىن ئىسىرائىلىيەنىڭ شەرقىي قۇددۇستا 566 يېڭى تۇرالغۇ سېلىشنى تەستىقلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خەلقئارالىق جەمئىيەتنى ئىسىرائىلىيەنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىشقا چاقىردى.

657267
پەلەستىن ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ھۆكۈمەت تەرەپ باياناتچىسى نەبىل ئەبۇ رۇدىنە ئىسىرائىلىيەگە نارازىلىق بىلدرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. پەلەستىن «VAFA» ئاگېتنلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ قارارىغا، ب د ت بولۇپمۇ ئاخىرقى قېتىم تۇرالغۇ جايلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكى ھەققىدە چىقىرىلغان 2334-نومۇرلۇق قاراردىن كېيىن، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قىلىنغان ھەيۋە قىلىش دەپ باھا بەردى. ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارىتىپ، ئىسىرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان رادىكال سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

ئۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تۇرالغۇ جايلارغا مۇناسىۋەتلىك قارارىنى ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەرەب دۇنياسى ۋە دوست دۆلەتلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىسىرائىلىيەنىڭ قانۇندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دۆلەتكە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشىنى توختىتىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.»

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ بولسا، شەرقىي قۇددۇس بىلەن ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۇرالغۇ جايلارنى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنى توسىدىغان توسالغۇلارنى ئوتتۇرىدىن يوقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىسىرائىلىيە 2-قانال تېلېۋىزىيەسىنىڭ تارقاتقان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نېتانياھۇ مىنىستىرلار كېڭىشىدە سۆز قىلىپ، كېيىنكى مەزگىلدە يېڭى تۇرالغۇ جايلىرىنى بەرپا قىلىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسىرائىلىيەگە قاراشلىق شەرقىي قۇددۇس رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇش ۋە پىلانلاش كومىتېتى تۈنۈگۈن (22-يانۋار) شەرقىي قۇددۇستا 566 يېڭى تۇرالغۇنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلىغان. مەزكۇر كومىتېتنىڭ باشلىقى مېيىر تۇرگېمان تەستىقنىڭ خېلى بۇرۇنلا سېلىنغانلىقىنى، بىراق سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ ئالغىچە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى؛ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ قۇددۇستا 11 مىڭ ئۆي سېلىشنى تەستىقلايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى 1967-يىلدىن بۇيان ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، شەرقىي قۇددۇستا 200 مىڭدىن، ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 400 مىڭدىن ئارتۇق يەھۇدىي كۆچمەن ياشايدۇ.

خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر رايونلاردىكى يەھۇدىي تۇرالغۇلىرى قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر