يەمەندە ھۇسىي ۋە سالىھ تەرەپدارلىرى ئاھالىلەر رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
يەمەندە ھۇسىيلار ۋە ئۇلارنغا ھەمدەم بولۇۋاتقان ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپلىرى تەئىز شەھىرىدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندە ھۇسىيلار ۋە ئۇلارنغا ھەمدەم بولۇۋاتقان ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپلىرى تەئىز شەھىرىدە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىپ، 9 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 7 ئادەمنى يارىلاندۇردى.
يەمەندىكى مۇستەقىل ھوقۇق ئورگىنى – مەھەللىي كۆزىتىش تورى، ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرىنىڭ تەئىز شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان نۇر مەھەللىسىگە زەمبىرەك بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 9 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، 7 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى؛ يارىلانغان 7 ئادەمنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
يەمەندە ئۇزۇندىن بۇيان ھاكىمىيەت تەرەپدارى كۈچلەر بىلەن ھۇسىيلار ۋە سالىھ تەرەپدارلىرى ئارىسىدا توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا. ھۇسىيلار بىلەن ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبەر ئەلى ئابدۇللاھ سالىھ تەرەپدارلىرى، پات – پات ئاھالىلەر رايونلىرىغا زەمبىرەكلەرنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.