شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش قوماندانلىق ئىشتابلىرى باشلىقلىرى يىغىنى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى مەركىزىىي قارارگاھتا چاقىرىلدى.

655145
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يىغىنى بىريۇسسېلدا چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇدا 2 كۈن داۋاملاشقان يىغىندا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەشكىلاتنىڭ نىشانلىرى ۋە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى مۇزاكىرە قىلىندى.

يىغىنغا تۈركىيەگە ۋەكالىتەن ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ھۇلۇسى ئاقار ئۆتكەن ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى جىددەدە چاقىرىلغان «تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش بىرلىكى» يىغىنىدىكىگە ئوخشاشلا تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئاقار رىياد يغىنىدا بولۇپمۇ سۈرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە ناتو ئەزاسى بولغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭمۇ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنىدى.

ناتو نىڭ ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى پېتر پاۋېل يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئافغانىستاندىن شەرقىي ئاقدېڭىزغىچە بولغان كەڭ تېرروتېرىيەدە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلار كۈچلەرنىڭ كۈرىشىنى 2017 – يىلىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، رۇسىيە بىلەن دىيالوگ قاناللىرىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، موسكۋادىن تېخىمۇ ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر