كارلوۋ سۇيىقەستىگە چېتىلىپ ئىككى فەتھۇللاھچى قولغا ئېلىندى

19 – دېكابىر رۇسىيەنىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوۋ ئۇچرىغان سۇيىقەستنى تەكشۈرۈش جەريانىدا 2 فەتھۇللاھچى قولغا ئېلىندى.

654771
كارلوۋ سۇيىقەستىگە چېتىلىپ ئىككى فەتھۇللاھچى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى تېررورىزمغا قارشى كۈرەش باشقارمىسى ئەترەتلىرى تەرىپىدىن 6 كىشى تۇتۇلغان، گۇماندارلار جامائت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكى رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئەنقەرە ئەدلىيە مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەنىدى.

 نۆۋەتچى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان گۇماندارلاردىن سەرجان باشار بىلەن ئەنەس ئاسىم سىلىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنىپ، سىنجان تۈرمىسىگە يوللاندى.

ۋقەنى تەكشۈرۈۋاتقان تەپتىشنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن گۇماندارلاردىن ئابدۇلقادىر ش تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلدى.

ئادۋۇكات سەركان ئۆ بىلەن ساقچى ھەسەن ت بولسا نازارەت قىلىنىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلدى.

قولغا ئېلىنغان ساقچى سەرجان باشارنىڭ رۇسىيە باش ئەلچىسى كارلوۋ سۇيىقەستىنىڭ جاۋابكارى مەۋلۈت مەرت ئالتىنتاشنىڭ ساقچى مەكتىپىدىكى «ئاغىسى» ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلغانىدى.

ئالتىنتاش ئادرېس كۆرسەتكەن ئەنقەرە دەمەتئەۋلەر مەھەللىسىدىكى ئۆيمۇ سەرجان باشار تەرىپىدىن ئىجارىگە ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر