ھاللېي ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنى رويخەتكە ئېلىش تەكلىپىگە قارشى چىقتى

نىككى ھاللېي: «بۇ ھۆكۈمەت ۋە مەن، مەيلى قانداقلا گۇرۇپپا بولمىسۇن، ئايرىم رويخەتكە ئېلىش تەكلىپىگە قارشى چىقىمىز» دېدى.

655122
ھاللېي ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنى رويخەتكە ئېلىش تەكلىپىگە قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان دونالد ترامپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىل نامزاتى نىككى ھاللېي ئامېرىكىدا مۇسۇلمانلارنى رويخەتكە ئېلىش تەكلىپىنى قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىككى ھاللېي ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، دونالد ترامپنىڭ «مۇسۇلمانلار رويخەتكە ئېلىنسۇن» دېگەن تەكلىپىنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىللىكىگە نامزات كۆرسىتىلىشتىن ئىلگىرىمۇ بۇ تەكلىپكە قارشى چىققانلىقىنى ئېيتتى. 

نىككى ھاللېي: «بۇ ھۆكۈمەت ۋە مەن مەيلى قانداقلا گۇرۇپپا بولمىسۇن ئايرىم رويخەتكە ئېلىش تەكلىپىگە قارشىمىز» دېدى.

نىككى ھاللېي قايسى دۆلەتنىڭ ئامېرىكىغا نىسبەتەن خەۋپلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە قارار چىقىرىپ، شۇ دۆلەتلەرگە قارىتا خىزمەتلەرنى باشلاش ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئېلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. رۇسىيە مەسلىسىدىمۇ دونالد ترامپنىڭ پىكرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىكلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى ۋە «قىرىم ئۇكرائىناغا تەۋە، رۇسىيەگە ئەمەس» دېدى.

قىرىم مەسلىسى تۈپەيلىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى ھەرگىز قوللىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ھاللېي «رۇسىيە ھازىر قاتمال بىر پوزىتسىيە تۇتماقتا، رۇسىيەگە ئىشىنەلمەيمىز» دېدى.

نىككى ھاللېي ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە بولسا، ترامپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختىنى قۇددۇسقا يۆتكىشىنى قوللاپ–قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

دونالد ترامپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمى ۋەكىل نامزاتلىقىغا نىككى ھاللېينى كۆرسەتكەن بولۇپ، رەسمىي بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ئالدى بىلەن پالاتانىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى لازىم.

نىككى ھاللېي ئىلگىرى جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ ۋالىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ھەمدە پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىدا ترامپقا قارشى ئالدىنقى قاتاردا رىقابەتكە چۈشكەن ۋە سايلام سەپەرۋەرلىكى جەريانىدا ترامپنى ئېغىر دەرىجىدە تەنقىد قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر