باراك ئوباما مۇخبىرلارنى ھەيران قالدۇردى

ئاقساراي باياناتچىسى جوش ئېرنېست رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم توختالدى.

653766
باراك ئوباما مۇخبىرلارنى ھەيران قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى جوش ئېرنېست ئاقسارايدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، رۇسىيەدىن تارتىپ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگىچە، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىدىن يېقىنلىشىۋاتقان پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇش-تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان تېمىلار بويىچە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيەنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلاشتى دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى. ئۇ دونالد ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ مەسىلىگە سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ باشتىن تارتىپ سۈرىيە مەسىلىسىنى دىپلوماتىك يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى ئاساس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ پالمىرا شەھىرىنى تارتقۇزۇپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشتە «تىرىشچانلىقىنىڭ يېتەرسىز بولغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«رۇسلار سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەشكە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئەمما ھەقىقىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.»

ئۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلدى.

جوش ئېرنېست 2017-يىلى 20-يانۋار جۈمە كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىم تەييارلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆتكۈنچى باسقۇچنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ جەرياندا، پىرېزىدېنت باراك ئوباما ئاخبارت ئېلان قىلىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زالغا تۇيۇقسىز كىرىپ، مۇخبىرلار ۋە جوش ئېرنېستنى ھەيران قالدۇردى. پىرېزىدېنت باراك ئوباما ئاقساراينىڭ تارىخىغا «قابىلىيەتلىك باياناتچى» دەپ نامى يېزىلغان جوش ئېرنېستقا مول ھوسۇللۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن تەشەككۈر ئېيتتى. باراك ئوباما پەيشەنبە كۈنى (19-يانۋار) ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر