ياۋروپادا ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

ياۋروپادا ئامېرىكىنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرى قاتتىق غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

652848
ياۋروپادا  ترامپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ناتو توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا يېڭىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان دونالد ترامپ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا  تاشقىي سىياسەت توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى، ياۋروپادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى.

دونالد ترامپنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ناتونىڭ كارغا كەلمەيۋاتقانلىقىنى ۋە ئەنگلىيەدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىپ چىقىدىغانلىقىنى دېيىشى ياۋروپادا ھەممىنى تاڭ قالدۇردى.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ياۋروپانىڭ تەقدىرىنىڭ يەنىلا ياۋروپانىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋالتېر شىتېنمايېر ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن سۆزلەشكەنلىكىنى، ھەممىسىنىڭ بىردەك دونالد ترامپنىڭ باياناتلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ۋالتېر شىتېنمايېر دونالد ترامپنىڭ ناتو ئەزالىرىنىڭ ناتونى تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشىنىڭمۇ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى فىرانسوا ئولاند دونالد ترامپنىڭ گېرمانىيەدە چىقىدىغان بىلد گېزىتى بىلەن ئەنگلىيەدە چىقىدىغان ۋاقىت گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى تەنقىد قىلىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

پارىژدىن ئايرىلغان ئامېرىكا ئەلچىسى جېن چارتلېينىڭ شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن ۋېدالىشىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان ئولاند مۇراسىمدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ھەر ۋاقىت قىتئەلەر ئارا ھەمكارلىقنىڭ ئورنىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلدى، بىراق بۇ ئارزۇسىنى ئۆزىنىڭ قىممەت-قاراشلىرى ۋە مەنپەئەتلىرىنى ئاساس قىلغاندا ھالدا ۋۇجۇدقا چىقىرىدۇ. ياۋروپانىڭ نېمە ئىش قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا باشقىلارنىڭ نەسىھەت ۋە تەۋسىيەلىرىگە ئېھتىياجى يوق.»

لىتۋانىيە پىرېزىدېنتى داليا گىرباسكۆتې دونالد ترامپ دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەل پۇلىنى تۆلەشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىدىكى پوچتا گېزىتى دونالد ترامپنىڭ سۆزلىرىنىڭ ياۋروپا رەھبەرلىرىنى تاڭ قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

مۇتەخەسىسلەر ياۋروپادا ئېنىقسىزلىق ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى، ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ دونالد ترامپنىڭ قانداقراق بىر تاشقىي سىياسەت يولغا قويىدىغانلىقىنى چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر