ئاۋسترىيەدە ياغلىقنى چەكلەش قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلمەكتە

نامايىشچىلار «ھەممىلا كىشىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قايتۇرۇلسۇن!», «بېشىم مېنىڭ ئۆزەمگە تەۋە!» «باراۋەرلىك!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرۈپ كوچىلارغا چىقتى.

653019
ئاۋسترىيەدە ياغلىقنى چەكلەش قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋسترىيەدە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ياغلىق چېگىشىنى مەنئىي قىلىش قانۇن تەكلىپىگە قارشى پايتەخت ۋىيىننادا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نۇرغۇن ساندا پائالىيەتچىلەر ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنگەن ياغلىقنى چەكلەش قانۇن تەكلىپىگە قارشى ۋىيىننا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىدا توپلاندى.

«ھەممىلا كىشىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قايتۇرۇلسۇن!», «بېشىم مېنىڭ ئۆزەمگە تەۋە!» «باراۋەرلىك!» دېگەن شوئارلار يېزىلغان لوزىنكىلارنى كۆتۈرىشىۋالغان نامايىشچىلار، ماسلاشتۇرۇش قانۇنى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەكچى بولغان قانۇن تەكلىپىگە نارازىلىق بىلدۈردى. 

ئاۋسترىيە مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى باياناتچىسى جانان ياشار، ئاياللارنىڭ تاشقى كۆرىنىشىنىڭ سىياسەتكە ئايلاندۇرۇلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاۋسترىيەنىڭ ئاياللارنى چەتكە قاقىدىغان بىر پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن توپلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

جانان ياشار «دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان ياغلىقلىق ئاياللار سەلىبىي ئۈلگە يارىتىدۇ» دېگەن باھانىلەرنىڭ ئەمەلىيەتكە قەتئىي ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، «بەلكى دەل ئەكسىچە بۇ ئەھۋال ياشلارغا نىسبەتەن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتمەكتە. چۈنكى ياغلىق تاقايدىغان بىر ئايال ياشلارغا ئەگەر خالىسا،  ياغلىق بىلەنمۇ ئوقۇتقۇچى، سىياسەتچى ياكى ساقچى بولالايدىغانلىقىنى نامايان قىلغان بولىدۇ. باش ياغلىقىنىڭ چەكلىنىشى ياشلارنى جەمئىيەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ ياتلاشتۇرىدۇ» دېدى.

ئاۋسترىيە سوتسىيالىست ياشلار جەمئىيىتى ئەزاسى فىئونا ھېرزوگمۇ ئانادولۇ ئاگنېتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، دېموكراتىك بىر دۆلەتتە ھەر بىر كىشىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلالىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، «سباستىيان كۇرزنىڭ ياغلىقنى چەكلەشكە ئالاقىدار ئېلان قىلغان باياناتىنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ قانۇننى چىقىرىشتا پەقەت سىياسىي مەنپەئەت مەقسەت قىلىنماقتا» دېدى.

ئاۋسترىيە تاشقى ئىشلار ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى سېباستىيان كۇرز مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئورگانلىرى خادىملىرىنىڭ ياغلىق چېگىشىنى مەنئىي قىلىش بەلگىلىمە تەكلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇنىڭغا سەۋەب سۈپىتىدە ئاۋسترىيەنىڭ سېكولار بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بىراق كۇرزنىڭ «مەكتەپلەردە كىرىست تۇرىۋېرىدۇ» دېگەن باياناتلىرى بۇ چەكلىمىنىڭ پەقەتلا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى تالاش تارتىشلارغا يول ئاچقان ئىدى. 

بۇ قانۇن تەكلىپىگە يالغۇز مۇسۇلمانلارلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن ساندا سوتسىيالىستلار ۋە لېبېرال ئاممىۋىي تەشكىلاتلارمۇ نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر