ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

ئىراق قىسىملىرى مۇسۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى پۈتكۈل مەھەللىلەرنى كونترول ئاستىغا ئالدى.

651353
ئىراق ئارمىيەسى مۇسۇلدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسۇل ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ قوماندانى ئابدۇلئېمىر يارۇللاھ فېدېرال ساقچى قىىسملىرى، ئىتتىپاقداش كۈچلىرى ۋە ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياردىمى ئاستىدا مۇسۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلىنىپ، كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان.

مۇسۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى پەلەستىن، سومار، دومىز، ۋاھدە، مىساق، سالام، يارىمجا ۋە شەرقىي يارىمجا مەھەللىلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

ئىراق ئارمىيەسى پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپىنچىسىنى باشىكا ھەربىي لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرى بىلەن بىرلىكتە 17 – ئۆكتەبىر كۈنى مۇسۇلنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر