ترامپ: «بىرلا خىتاي سىياسىتى» گە رىئايە قىلماسلىقىمىز مۇمكىن

دونالد ترامپ «خىتاينىڭ سودا بەلگىلىمىلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىسا گە رىئايە قىلماسلىقىمىز مۇمكىن» دېدى.

651221
ترامپ: «بىرلا خىتاي سىياسىتى» گە رىئايە قىلماسلىقىمىز مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ «‹ Wall Street Journal› گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن  بولغان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

20 – يانۋار كۈنى ئوبامادىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئامېرىكا رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولارنى يەنە بىر مەزگىل داۋاملاشۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، «رۇسىيە بىلەن دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغان، بىزگە ياردەمچى بولغان تەقدىردە، موسكۋاغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

تەيۋەننى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ قوبۇل قىلغان ئامېرىكىنىڭ «بىرلا خىتاي سىياسىتى» توغرىلىقمۇ توختالغان ترامپ، خىتاي بىلەن بارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە «خىتاينىڭ سودا بەلگىلىمىلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىسا <بىرلا خىتاي سىياسىتى> گە رىئايە قىلماسلىقىمىز مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر