خىتاي بانكىسى تۈركىيەدە

دۇنيا بويىچە 7 – چوڭ بانكا ھېسابلىنىدىغان خىتاي بانكىسى تۈركىيەدە.

651254
خىتاي بانكىسى تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە بانكىچىلىق نازارىتى خىتاي بانكىسىنىڭ تۈركىيە شۆبىسىنىڭ 300 مىليون دوللارنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرۇپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىجازەتنامىسىگە ئىلتىماس سۇنۇشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.  

بانكىچىلىق نازارىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، دۇنيا بويىچە 7 – چوڭ بانكا ھېسابلىنىدىغان خىتاي بانكىسىنىڭ تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ئىلتىماسقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات ۋە ھۆججەتلەرگە قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن بانكىچىلىق نازارىتىنىڭ 2016 – يىلى 2 – ماي كۈنىدىكى 6880 – نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن خىتاي بانكىسىنىڭ 300 مىليون دوللارلىق سەرمايە بىلەن تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قارار بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، «بۇ دائىرىدە خىتاي بانكىسىنىڭ تۈركىيە شۆبىسى 300 مىليون دوللارنى تۈركىيە لىراسىغا ئالماشتۇرۇپ، تۈركىيەگە ئېلىپ كەلدى، بانكىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئىجازەتنامىسىگە ئىلتىماس سۇنۇشى كۈتۈلمەكتە» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر