خىتاي دونالد ترامپقا ئۇرۇش ئېچىش بىلەن تەھدىت سالدى

خىتاي دائىرىلىرى، «ترامپ ۋە ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىز يولىنى تورايدىغان بولسا، كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇشقا تەييار تۇرسۇن» دەپ تەھدىت سالدى.

651055
خىتاي دونالد ترامپقا ئۇرۇش ئېچىش بىلەن تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ رەسمىي گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»، «ترامپ ۋە ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىز يولىنى تورايدىغان بولسا، كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇشقا تەييار تۇرسۇن» دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر خىتاينى جەنۇبىي خىتاي دېڭىز يولىدىن توسۇشقا ئۇرۇنىدىغان بولسا، ھەربىي توقۇنۇشقا تەييارلىق قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قلىدى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان يەر شارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى باشماقالىسىدە، ئامېرىكىدا  20 – يانۋاردا پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئوبامادىن ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان دونالد ترامپنىڭ ھۆكۈمەت كابېنتىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن رېكس تېللېرسوننىڭ «خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئارالچىلارغا بارىدىغان يولىنى توسۇشىمىز لازىم» دېگەن سۆزلىرىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

مەزكۇر باشماقالىسىدە، «خىتاينىڭ ھازىرقىي ھەربىي كۈچى ۋە نۆۋەتتىكى تەييارلىقى نەزەردە تۇتۇلغاندا، كەلگۈسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كەڭ كۆلەملىك بىر ئۇرۇش خەۋپىگە كۆكرەك كېرمىگىچە، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئاراللارغا بېرىشىنى توسۇپ قېلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى ئوچۇقتۇر» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

باشماقالىدە يەنە، «ترامپ ۋە ھۆكۈمىتى ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن كېيىن، ئەگەر شۇنداق پىلانى بولسا، ھەربىي توقۇنۇشقا تەييار تۇرۇشى كېرەك، ئەكسىچە بولغاندا ئۇنداق ئۇرۇنۇشلار ھاماقەتلىكتىن ئىبارەت بولىدۇ» دېيىلدى.

يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بىۋاستە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە تەۋە رەسمىي گېزىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر