«2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھۇجۇملارغا رۇسىيە، تېررورىست گۇرۇپپىلار ۋە خىتاي سەۋەبچى بولدى»

ترامپنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى نامزاتى 2– دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھۇجۇملارغا رۇسىيە، تېررورىست گۇرۇپپىلار ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

650605
«2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھۇجۇملارغا رۇسىيە، تېررورىست گۇرۇپپىلار ۋە خىتاي سەۋەبچى بولدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى نامزاتى پىنسىيۇنېر گېنېرال جېيمز مارتىس بىلەن مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى باشلىقى نامزاتى  مايك پومپىئوۋ ھەيران قالارلىق باياناتلارنى  ئېلان قىلدى.

مارتىس ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچىدىغان قانۇن تەكلىپىنىڭ ماقۇللىنىشى دائىرىسىدە پالاتانىڭ مۇناسىۋەتلىك كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيەنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بېشىدا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە 2  – دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ھۇجۇملارغا رۇسىيە، تېررورىست گۇرۇپپىلار ۋە خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن رايونلاردا بۈيۈك ئەندىشىلەرگە سەۋەبچى بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مارتىس، موسكۋا بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرگە ئەمەل قىلىش تەرەپدارى ئىكەنلىكىنى، ئەمما پۇتىن ھۆكۈمىتىنىڭ نىيىتىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھەمدە رۇس تەھدىتىگە قارشى ناتو غا ياردەم بېرىش ۋە كۈچىنى كۆرسىتىپ قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مارتىسنىڭ بۇ سۆزلىرى ناتو غا بولغان ياردەمنى ئۈزۈش بىلەن تەھدىت سالغان ترامپنىڭ سۆزلىرىگە زىت ئىدى.

ترامپنىڭ  مەركىزى ئاخبارات تەشكىلاتى باشلىقى نامزاتى  مايك پومپىئوۋنىڭ نىشانىدىمۇ رۇسىيە بار ئىدى.

پالاتا ئەزالىرىغا خىتاب قىلغان  ومپىئوۋ، «پىرېزىدېنت سايلىمىغا تور ھۇجۇملىرى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موسكۋانى ئەيىبلىدى ھەمدە موسكۋاغا قارىتىلغان بېسىمنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى رۇسىيەنىڭ بىزنىڭ دېموكراتىيەمىزگە زىيان يەتكۈزۈش نىيىتىنىڭ بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن.»

ترامپنىڭ مۇھىم ئورۇنلارغا نامزات كۆرسەتكەن شەخسلەرنىڭ ترامپ سايلام مەزگىلىدە يولغا قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن سىياسەتلەرگە ئوخشىمايدىغان پوزىتسىيەلەرنى تۇتۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنى گاڭگىرىتىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر