قاچقۇن ھەربىي ئىسيانچىلارنىڭ سوتلىنىش مۇساپىسى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كەلدى

گىرېتسىيەگە قاچقان ئىسيانچى ئەسكەرلەرنىڭ سوتلىنىش مۇساپىسى ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كېلىپ قالدى...

649830
قاچقۇن ھەربىي ئىسيانچىلارنىڭ سوتلىنىش مۇساپىسى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلغاندىن كېيىن گىرېتسىيەگە قېچىپ كەتكەن 8 ئىسيانچى ئەسكەرنىڭ تۆتى ھازىرغىچە ئالىي سوت تەرىپىدىن سوتلاندى، قالغان تۆت ئىسيانچى ئەسكەر بولسا، جۈمە كۈنى سوتلىنىدۇ.

سوتنىڭ ھۆكۈمنامىسىنىڭ 23 – يانۋاردا ئېلان قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە. ئىسيانچىلارغا دائىر ئەڭ ئاخىرقى قارارنى گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى چىقىرىدۇ.

ئاتىنا (ئافېنا) مەھكىمىسى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قارار چىقىرىپ، ئىسيانچى ئەسكەرلەرنىڭ ئۈچىنىڭ قايتۇرۇلۇشىغا ھۆكۈم قىلغان، بەش ئىسيانچىنىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەلەپنى رەت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر