فىرانسيە ئەسكەرلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تەلىم بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى
فىرانسىيە ئەسكىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ سەپلىرىدە مەسلىھەتچى ۋە تەربىيەلىغۇچى سالاھىيىتى بىلەن رول ئېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قۇيرۇقچىسى پ ي د نىڭ قوراللىق قىسمى ي پ گ ۋە ئۇنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى دېموكراتىك سۈرىيە كۈچلىرىگە فىرانسيە ئەسكەرلىرىنىڭ تەلىم بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مەركىزى ئىشخانىسى ئىراقنىڭ ئەربىل شەھىرىگە جايلاشقان «BasNews» گېزىتى، 100 نەپەر فىرانسىيە ئەسكىرىنىڭ ي پ گ سەپلىرىدە مەسلىھەتچى ۋە تەربىيەلىغۇچى سالاھىيىتى بىلەن رول ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە راككاغا ھۇجۇم قىلىش ئۇچۇن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىتتىپاقداش قىسىملارغا چېتىلغان شەكىلدە ي پ گ ۋە ي س د قىسىملىرىغا ھەربىي مەسلىھەتچىلىك، ھەربىي ھەرىكەت پىلانى تۈزۈش، ھاۋا ھۇجۇملىرى بىلەن ماسلىشىش جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسىمىنىڭ ئاينەل ئەرەپ (كوبانى)دىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىغا جايلاشقانلىقى مەلۇم.