ئامېرىكا: پ ك ك تۈركىيەگە خەۋپ پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېربي، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن رايون خاراكتېرلىك خەۋپ بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

647927
ئامېرىكا: پ ك ك تۈركىيەگە خەۋپ پەيدا قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كېربي، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەگە نىسبەتەن رايون خاراكتېرلىك خەۋپ بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، «تۈركىيەنى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى قوللايمىز» دېدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كېربي كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىراقنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان سىنجار تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدىكى PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ۋاشىنگتوننىڭ PKK نى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارايدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتتى ۋە «PKK بىز ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

باياناتچى كېربي، 16 – دېكابىردا بەرگەن باياناتىدىمۇ PKK نىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى، دەپ قارىلىدىغان بىر قۇرۇلما ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «PKK سىنجاردا ھېچقانداق رول ئوينىماسلىقى لازىم» دېگەنىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ ھەپتە ئاخىرىدا ئىشقا ئاشۇرغان ئىراق زىيارىتىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، «PKK نىڭ سىنجار رايونىغا ئورۇنلىشىشى تۈركىيەنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدۇر. بۇ ھەقتە ئەتراپلىق سۆزلەشتۇق. يا ئىراق ۋە پەشمەرگە كۈچلىرى PKK نى بۇ يەردىن چىقىرىدۇ ياكى تۈركىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىدۇ» دېگەنىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ ئىراق زىيارىتىدىن ئىلگىرى بەشتەپە مەدەنىيەت ۋە قۇرۇلتاي مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن غازى ۋە شېھىتلەرنىڭ يېقىنلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇراسىمىدا سىنجار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىنجارنى يېڭى بىر قاندىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر