پاكىستان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سۇ ئاستىدىن قويۇپ بەردى

پاكىستان تۇنجى قېتىم سۇ ئاستىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى غەلىبىلىك سىناق قىلدى.

648189
پاكىستان يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سۇ ئاستىدىن قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى بايانات بېرىپ، يادرو ئوق بېشى توشۇش ئىقتىدارىغا ئىگە 450 كىلومېتىر مۇساپىگە يېتىپ بارالايدىغان «بابۇر-3» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ھىندى ئوكياندىكى ئورنى تىلغا ئېلىنمىغان بىر سۇ ئاستى پاراخوتىدىن ئۇتۇقلۇق قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ پاكىستان يالتايدۇرغۇچى كۈچىگە ھەسسە قوشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

«بابۇر-3» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا دېڭىزدىن؛ ئۆتكەن ئاي سىناق قىلىنغان «بابۇر-2» بولسا، قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر