مېكسىكىدا بېنزىن باھاسى سەۋەبىدىن ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى

مېكسىكىدا خەلق ھۆكۈمەتنىڭ بېنزىن باھاسىنى ئۆستۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

647783
مېكسىكىدا بېنزىن باھاسى سەۋەبىدىن ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكىدا بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە قارىتىلغان نارازىلىقلار بارغانچە كۈچەيمەكتە.

پايتەخت مېكسىكىدا يەنە مىڭلارچە ئادەم نامايىش ئۆتكۈزدى.

پىرېزىدېنت ئېنرىك پېنا نىيتو خەلقنى سوغاققان بولۇشقا چاقىردى.

نىيتو بېنزىن سودىگەرلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىق بىلەن ئائىلىلەرگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خەلق يەنىلا نامايىش ئۆتكۈزدى.

پايتەخت كوچىلىرىدا مىڭلارچە نامايىشچى ھۆكۈمەتنىڭ بېنزىن باھاسىنى %20 ئۆستۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى ۋە  «نىيتونى ئىستېپا بېرىشكە»چاقىردى.

بېنزىن باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان مېكسىكىدا پايتەخت بولۇپ نۇرغۇن شەھەردە نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە.

مېكسىكىنىڭ نۇرغۇن رايونىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار توقۇنۇشماقتا، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماقتا.

نامايىشلاردا ھازىرغىچە 6 ئادەم ئۆلۈپ، 1600 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر