خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان لىياۋنىڭ ئۆلكىسىدە قازاغا ئۇچرىغان ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبلىرى جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە.

648212
خىتايدا بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ 2 ئۇچقۇچى ئۆلدى.

شىنخۇا ئاگېنتىلىقىنىڭ خەۋىرىدە، «جىلىن فۇخاڭ ئاۋىياتسىيە ئاكادېمىيەسى» ناملىق بىر خۇسۇسىي شىركەتكە تەۋە مەشىق ئايروپىلانىنىڭ ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ، ئارىدىن بىرقانچە مىنۇت ئۆتمەيلا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ فاكۇ ۋىلايىتىدىكى جاخۇ ئايرودۇرۇمىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئايروپىلاندىكى 2 ئۇچقۇچى ئۆلدى.

ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبى جىددىي تەكشۈرۈلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر