مۇسۇل خەلقى مۇساپىرلار كارۋىنىغا قېتىلىشقا باشلىدى

ئىراقنىڭ مۇسۇل شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇش ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان پەيتلەردە ئۈچ كۈن ئىچىدە 4 مىڭ 500 ئادەم ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، لاگېرلاردا پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولدى.

647600
مۇسۇل خەلقى مۇساپىرلار كارۋىنىغا قېتىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىياد رافىد ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئىراق كۆچ ۋە كۆچمەنلەر مىنىستىرلىقى بىلەن، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرى خادىملىرىنىڭ، يېقىنقى 72 سائەت ئىچىدە مۇسۇلنىڭ شەرق ۋە شىمالدىكى جايلىرىدىن كۆچكەن 4 مىڭ 500 كىشىنى لاگېرلاردا كۈتۈۋالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىراق ئارمىيەسى بىلەن مىنىستىرلىقنىڭ ئاپتوموبىللار بىلەن 1500 كۆچمەننى خازىر، 3 مىڭ كۆچمەننى بولسا ئەلجەد لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئىراق ئارمىيەسى 2014-يىلدىن بۇيان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدا تۇرۇۋاتقان مۇسۇلنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن 2016-يىلى 17-ئۆكتەبىر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ياردىمىدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. ھەربىي ھەرىكەتكە، پەشمەرگە (شىمالىي ئىراق رايونلۇق قوراللىق قىسىم) بىلەن كۆپىنچىسى باشىكا ھەربىي بازىسىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلىگەن نىنوۋا مۇجاھىتلىرى ياردەم بەرمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر