ئابباس: پارىژ يىغىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت

پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس «ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى» تېمىلىق پارىژ يىغىنىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

646023
ئابباس: پارىژ يىغىنى تېپىلغۇسىز پۇرسەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: راماللاھتىكى سارىيىدا ئاكادېمىكلار ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلەرچە ئىسرائىلىيەلىك بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان ئابباس، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا 15 – يانۋار كۈنى چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان يىغىندا، خەلقئارالىق بىر مىخانىزم تۇرغۇزۇش ۋە ئىجرا قىلىشنىڭ ۋاقتى توختىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئابباس بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان 2334 – نومۇرلۇق قارار ئارقىلىق «ئىسرائىلىيەنىڭ ئولتۇراق مەھەللىسى بەرپا قىلىش سىياسىىتىنىڭ تىىنچلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىككى دۆلەتلىك چارە پىلانىغا تەھدىت سېلىۋاتقان بۇ سىياسەتكە قارشى ئىكەنلىكى» تەرىقىسىدە سىگنال بېرىلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مۇزاكىرىلەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تىىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ئابباس، «ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تىىنچلىق تەرەپدارى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان. بىزمۇ تىىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى ۋە ئىشغالغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ پايتەخت پارىژدا چاقىرىلىدىغان يىغىن ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئابباس، تىىنچلىق ئۈچۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر