تېھران ئاستانەدە چاقىرىلىدىغان سۈرىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

ئىران پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باشلىقى ئالائۇددىن بوروجەردى، تېھراننىڭ، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان سۇرىيە سۆھبەتلىرى ھەققىدە بايانات بەردى.

645597
تېھران ئاستانەدە چاقىرىلىدىغان سۈرىيە سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باشلىقى ئالائۇددىن بوروجەردى، تېھراننىڭ، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە بۇ ئاي چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان سۇرىيە سۆھبەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىران پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى باشلىقى ئالائۇددىن بوروجەردى، سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشققە قاراتقان ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئۇ يىغىندا، سۇرىيە ھاكىمىيىتىنى ھەلەبنى قايتۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سۇرىيە كىرىزىسىغا چارە تېپىش مەقسىتىدە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە يىغىن چاقىرىلىشىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىرانلىق دىپلومات، شۇنداقتىمۇ ۋەزىيەتنىڭمۇ تۇراقسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئالائۇددىن بورۇجەردى، 6 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر