دائېش ئىراقتا 3 نۇقتىغا ھۇجۇم قىلدى

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئىراقنىڭ سالاھىدىن ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ۋە تىكرىتتىكى ئايرىم – ئايرىم ئۇچ نۇقتىغا قىلغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا 3 ئەسكەر ئۆلدى، 9 ئەسكەر يارىلاندى.

645818
دائېش ئىراقتا 3 نۇقتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھۇجۇمدىن كېيىن ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەزكۇر رايوندا ئېنىقلاپ چىقىلغان 4 دانە بومبا قاچىلانغان ئاوتوموبىلنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن كوچىغا چىقىش مەنئىي قىلىنغان ئەلدورا يېزىسىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.

ئىراق ئارمىيەسىنىڭ ئەتىگەن تەرەپلەردە باشلاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا مۇسۇلنىڭ ئەلمۇسەننا مەھەللىسىمۇ دائېشتىن قايتۇرۇۋېلىندى.

ئىراق ئارمىيەسى 2014  - يىلى ئىيۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ كونتروللۇقىدىكى مۇسۇلنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن 17 – ئۆكتەبىر كۈنى ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانىدى.

ھەربىي ھەرىكەتكە پەشمەرگە كۈچلىرى ۋە كۆپىنچىسىنى باشىكا ھەربىي لاگېرىدىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرى تەربىيەلىگەن نىنوۋا مۇجاھىدلىرىمۇ ياردەم بەرمەكتە.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرىمۇ ھاۋادىن ياردەم بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا ھازىرغىچە ئاساسلىقى شەھەرنىڭ شەرقىي رايونلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر