ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى: ئاستانە يىغىنىغا قاتنىشىمىز

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستاففان دې مىستۇرا ئاستانەدە چاقىرىلىدىغان تىنچلىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

645896
ب د ت ئالاھىدە ۋەكىلى: ئاستانە يىغىنىغا قاتنىشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىستۇرا تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ كېپىللىكى ئاستىدا سۈرىيەدە باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قىسمەن خىلاپلىق قىلىنىۋاتقان بولۇشىقا قارىماي، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە مۇشۇ ئاي ئىچىدە چاقىرىلىدىغان سۈرىيە تىنچلىق سۆھبەتلىرى يىىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

خەلقئارا سۈرىيەگە ياردەم بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلەر يىغىنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە چاقىرىلدى.

يىغىندىن كېيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۋەدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن مىستۇرا، ئىستانبۇلنىڭ ئورتاكۆي رايونىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى، تۈركىيە خەلقىگە ۋە ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

سۈرىيەدە تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ كېپىللىكى ئاستىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مىستۇرا، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر