دائېشنىڭ ئاتالمىش ئەمىرى ئۆلتۈرۈلدى

سۈرىيەنىڭ شىمالىنى تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىدىن تازىلاش مەقسىتىدە 24 – ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە باشچىلىقىدا باشلانغان «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىدە دائېشنىڭ ئاتالمىش ئەمىرى بىلەن قوشۇلۇپ 26 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

645060
دائېشنىڭ ئاتالمىش ئەمىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەربىي ھەرىكەتلەردە تېررورىستلارنىڭ ئونلارچە ئۇۋىسى، مۇداپىئە ئىستېھكامى، قوماندانلىق مۇئەسسەسەسى، قورال – ياراغلىرى ۋە ئۈسكۈنىلىرى ھەمدە دائېشقا ئائىت 74 نىشان يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلدى، دائېشنىڭ ئاتالمىش ئەمىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى باب، بزاگاھ، تادىف، قەبر ئەلمۇقرى، سۇفلانىيە ۋە زامماردىكى دائېشقا ئائىت 28 نىشانغا قاراتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 18 دائېشچى تېررورىستنى ئۇجۇقتۇردى. يەنە تۈنۈگۈنكى توقۇنۇشلار جەريانىدمۇ 38 دائېشچى تېررورىست ئۇجۇقتۇرۇلدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلانغان رايونلاردا بولسا ئۆكتىچىلەرگە داۋاملىق ياردەم بېرىلمەكتە. پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ۋەيران قىلىش ئەترەتلىرى 48 پارتلاتقۇچنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 2 مىڭ 741 پارتلاتقۇچ ۋە 43 مىنا پاچاقلاپ تاشلاندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئارمىيەسى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلگەن ئاخباراتقا ئاساسەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن، باسيان ۋە زاپ رايونلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئائىت 6 نىشاننى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر