قازاقىستان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىق ۋەزىپىسىنى باشلىدى

قازاقىستان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىق ۋەزىپىسىنى 2017-يىلدىن 1-يانۋاردىن ئېتىبارەت ئۆتەشكە باشلىدى.

644165
قازاقىستان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىق ۋەزىپىسىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىقى دەۋرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، توقۇنۇشلارغا توسالغۇ بولۇش ۋە خەلقئارا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، 2017-يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2يىللىق ۋاقىتلىق ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكەشكە باشلىغان قازاقىستان ھەيئىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى يىلدىكى تۇنجى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

ھەيئەتكە باشچىلىق قىلغان بەكىربەي سادىقوۋ  سۆز قىلىپ، قازاقىستاننىڭ ۋاقىتلىق ئەزالىق دەۋرىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش، توقۇنۇشلارغا توسالغۇ بولۇش ۋە خەلقئارا تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

سادىقوۋ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 100-يىللىقى بولغان 2045—يىلغىچە يادروسىز، ئۇرۇشسىز ۋە توقۇنۇشسىز دۇنيا بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قايرات ئابدۇراھمانوۋ كېلەر ھەپتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى «توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىنچلىقنى قوغداش»تېمىلىق يىغىنغا ئىشتىراك قىلىشنى پىلانلىماقتا.

قازاقىستان بۇلتۇر ئىيۇندا 138ئاۋاز بىلەن ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2 يىللىق ۋاقىتلىق ئەزالىقىغا سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر