بارزانى، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانى تۈركىيە توغرىسىدا بايانات بەردى.

642867
بارزانى، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى يېڭى يىل كېچىسى مەيدانغا كېلىپ 39 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بارزانى، تېررورلۇقنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنىڭ قولمۇقول ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

مۇخبىرلارنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سىنجاردىكى مەۋجۇدىيىتىگە ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەن بارزانى، تېررورچىلارنىڭ ئۇ يەردىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى، تەشكىلاتنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەچىرۋان بارزانى، شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ باغداد بىلەن ئەنقەرە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتىدىن نورمال ھالەتكە قايتىشىدا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ 5-، 6- يانۋار كۈنلىرىدىكى باغداد زىيارىتىدىن كېيىن ئەربىلگىمۇ كېلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر