پۇتىن بىلەن رۇھانى سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى.

641807
پۇتىن بىلەن رۇھانى سۈرىيە توغرىسىدا سۆزلەشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كرېملىن سارىيى بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە سۈرىيەدىكى كىرىزىسقا خاتىمە بېرىش يولىدىكى يېقىن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پۇتىن بىلەن رۇھانى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىلىق دۆلەت مىقياسىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتى ۋە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

رۇسىيە بىلەن ئىران، سۈرىيەدە 6 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا ئەسەد ھاكىمىيىتىنى كۈچلۈك قوللاپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر