ئىراقنىڭ كۇۋەيتكە تۆلەيدىغان ئۇرۇش تۆلەم پۇلى يەنە كېچىكتۈرۈلدى
ئىراقنىڭ ب د ت تۆلەم فوندىغا يانقۇزىشى كېرەكلىك بولغان تۆلەم بەدىلى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ئارقىغا سۇزۇلغان ئىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىراقنىڭ 1990 – يىلىدىكى كۇۋەيتنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشىدا زىيانغا ئۇچرىغان كۇۋەيتلىكلەرگە تۆلەم تۆلىشىنى 6 ئاي كېچىكتۈرىشىگە ماقۇل بولدى.
ئىراقنىڭ ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىغان كۇۋەيتلىكلەر ئۈچۈن ب د ت تۆلەم فوندىغا ياتقۇزىدىغان پۇلنى كېچىكتۇرۇش قارارى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ھەممىنىڭ تەڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلىندى.
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2010 – يىلى قوبۇل قىلغان قارارغا بىنائەن ئىراققا قارىتىلغان بەزى ئېمبارگولارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى. ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ نېفىت ئېكىسپورت سودىسىدىن قولغا كەلتۈرگەن كېرىمىنىڭ %5 نى ب د ت تۆلەم فوندىغا ياتقۇزىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
ئىراقنىڭ ب د ت تۆلەم فوندىغا يانقۇزىشى كېرەكلىك بولغان تۆلەم بەدىلى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم ئارقىغا سۇزۇلغان ئىدى.