ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك سۈركىلىش پەيدا بولدى

ئامېرىكا ھاكىمىيىتى رۇسىيەنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا سىبەر ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ، بەزى شەھەرلەردىكى رۇس دىپلوماتلىرىنىڭ چېگرىدىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

640606
ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك سۈركىلىش پەيدا بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك سۈركىلىش كېلىپ چىقتى.

ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتى «پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا سىبەر ھۇجۇم توغرولۇق دەۋالار»دائىرىسىدە، نىيۇيورك ۋە سان فىرانسسكودىكى 35 رۇس دىپلوماتنىڭ 72 سائەت ئىچىدە ئامېرىكا چىگرىسىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇ شەھەرلەردىكى رۇسىيە ۋەكالەتخانىلىرىمۇ تاقىۋېتىلىدۇ.

ئاقساراي «رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا سايلاملىرىغا سىبەر ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق ئارىلاشقانلىقى» ۋە «رۇسىيەدىكى بەزى ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ خىرىسقا ئۇچرىشى»توغرۇلۇق دەۋالار دائىرىسىدە باراك ئوبامانىڭ موسكۋاغا قارىتا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭدىن تاشقىرى، رۇسىيە ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكتىن، رۇسىيەنىڭ ئىستخبارات ئورۇنلىرىغىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدۇ.

بۇ مەسىلە توغرۇلۇق بايانات ئېلان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما، ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا مەنپەئەتلىرىگە زىيان بەرگەنلىكىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن، قائىدە—پىرىنسىپ ۋە دېموكراتىك ھاكىمىيەتكە دەخلى قىلغان رۇسىيەنىڭ قىلمىشلىرىغا توسالغۇ بولۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى قەيت قىلغان ئوباما، بۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەگە قارىتا يۈگۈزۈلىدىغان ئېمبارگولارنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىرېزىدېنت باراك ئوباما، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرىغا ئارىلىشىش قىلمىشى ۋە ۋىرۇسلۇق پىروگراممىلار بىلەن ئېلىپ بارغان سىبەر ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق دۆلەت مەجلىسكە دوكلات بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگو قارارلىرى توغرۇلۇق دەرھال بايانات ئېلان قىلغان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى، ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كىرىمېل تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېمبارگولىرىغا تېگىشلىك شەكىلدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەندى.

كىرىمېل باياناتچىسى دىمىترى پېسكوۋ، قانداق جاۋاب قايتۇرۇش مەسىلىسىگە پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قارار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر