ئورتودوكس يەھۇدىيلار ب د ت نىڭ پەلەستىن قارارىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى «زىيۇنىزمغا قارشى ئورتودوكس يەھۇدىيلار»، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەبرىكلەپ، ب د ت بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

640119
ئورتودوكس يەھۇدىيلار ب د ت نىڭ پەلەستىن قارارىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى «زىيۇنىزمغا قارشى ئورتودوكس يەھۇدىيلار» دىن تەشكىل تاپقان بىر تۈركۈم كىشىلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ ئاھالىلەر رايونى قۇرۇلۇشىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىدىن كېيىن، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى تەبرىكلەپ، ب د ت  بىناسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشچىلار، «ئىسرائىلىيەنىڭ مۇقەددەس زېمىننىڭ ھەر قانداق بىر يېرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھەققى يوق»، «يەھۇدىيلىك زىيۇنىزمنى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى رەت قىلىدۇ» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈردى.

نامايىشچىلار نامىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاھالىلەر رايونلىرىنىڭ قان تۆكۈلۈشىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ھالدا، تىنچلىققا ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئازابلىرىغا خاتىمە بېرىش يولىدىكى ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنى قوللىغان دۆلەت ۋە دۇنيا كۈچلىرى تەبرىكلەندى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىغا «ئەركىن پەلەستىنگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىش» دەپ باھا بېرىلگەن باياناتتا، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇ ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ دۇنيا يەھۇدىيلىرىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىقى، ئاھالىلەر رايونى قۇرۇشنىڭ پەقەت خەلقئارا قانۇندىلا ئەمەس، يەھۇدىي قانۇنلىرىدىمۇ جىنايەت ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر