ئوباما مۇسۇلمانلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن باشلانغان «بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن كىشىلەرنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش» بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلدى.

636731
ئوباما مۇسۇلمانلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش بەلگىلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئىچكى بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېما ھاكىم تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2011 – يىلدىن بۇيان ئاكتىپ شەكىلدە جارى قىلدۇرۇلمىغان مىللىي بىخەتەرلىكنى قوغداش ئۈچۈن تاموژنىلاردىن كىرىپ چىقىدىغانلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش بەلگىلىمىسىنىڭ پىرېزىدېنت ئوباما تەرىپىدىن بىكار قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «ئاللىقاچان ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بۇ بەلگىلىمىنى ئىجرا  قىلغاندا، ئۈنۈمگە ئېرىشىشتىنمۇ كۆرە، چەكلىك مەنبەلەر زايە بولۇپ كېتەتتى.»

باياناتتا، نىيۇ يورك ئۆلكىسىنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرى ئېرىك شنايدېرمەننىڭمۇ بەلگىلىمىنىڭ تېررورىستلارغا تاقابىل تۇرالىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە بولغان ئىشەنچنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ بەلگىلىمىنى بىكار  قىلىش  تەكلىپى سۇنغانلىقى قەيت قىلىندى.

20 – يانۋار كۈنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدىغان دونال ترامپ بولسا  – يىلدىن بۇيان ئىجرا قىلىنمىغان بۇ بەلگىلىمىنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە قايتىدىن ئىجرا قىلىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتاتتى.

ترامپ ئالدىنقى كۈنى فلورىدا ئىشتاتىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدىمۇ، «تېررور تەھدىتى بار بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمانلارنى تىزىملىككە كىرگۈزۈش» نىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ھەقتىكى پىلانلىرىم سىلەرگىمۇ ئايان. چۈنكى مېنىڭ قاراشلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر