سۈرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش پىلانى قازاقىستاندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

636865
سۈرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش پىلانى قازاقىستاندا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى ۋە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ ھەلەبتە ئۆكتىچىلەرنى ۋە پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، سۈرىيەدە تولۇق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن شارائىتلارنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.  ئۇ: «ھەربىي ھەرىكەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنۈپ، يوليورۇقىمىزغا ئاساسەن تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئەمدى نۆۋەت كېيىنكى باسقۇچقا كەلدى. بۇ بويىچە، سۈرىيە زېمىنلىرىدا تولۇق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى جەھەتتە كېلىشىم تۈزۈش نۇقتىسىغا كەلدۇق» دېدى.

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ گېننادىي گاتىلوۋ سۈرىيە مىقياسىدا ئىجرا قىلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ، قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

گاتىلوۋ رۇسىيە ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، يانۋار ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۈركىيە، ئىران ۋە رۇسىيە بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغان يىغىننىڭ ئاساسىي كۈنتەرتىپىنىڭ، سۈرىيە مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 20-دېكابىر (سەيشەنبە) موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا، «سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن تەييارمىز» دېگەن ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن ئۆتكەنكى كۈنلەردىكى ياپونىيە زىيارىتىدە، ئاستانادا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشلارنىڭ، جەنۋە سۆھبىتىنىڭ داۋامى بولۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

پۇتىن يەنە، ئاستانادىكى يىغىندا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ داۋامىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر