كىربى: ھەلەبتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

636283
كىربى: ھەلەبتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىربى كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بەششار ئەسەد كۈچلىرى ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتى تەرەپدارى چەت ئەللىك تېررورىستلارنىڭ ھەلەبنىڭ كونتروللۇقىنى تامامەن قولغا كىرگۈزۈشى توغرۇلۇق توختالغاندا، «ھەلەبتىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئۆكتىچىلەر ئۇرۇش قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، رادىكال گۇرۇپپىلار سۈرىيەدىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمەيدۇ، كۆچمەنلەرنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ» دېدى.

سۈرىيە كىرىزىسىگە قارىتا ھېچقانداق بىر دىپلوماتىك چارە تېپىلمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن كىربى، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا دائىت ھېچقانداق بىر  ئىشارەت يوقلۇقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ ھەلەبتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرالايدىغان قەدەملەر دەپ قارىمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر