بېرلىن ھۇجۇمىنى سادىر قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن زوراۋاننىڭ ئۆلۈكى تېپىلدى
گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن زوراۋاننىڭ ئۆلۈكى تېپىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا دۈشەنبە كۈنى ئاكشامىبىر روژدىستۋا بازىرىغا يۈك ماشىنىسىھەيدەپ كىرىپ 12 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن زوراۋان ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.
ئىتالىيەدە ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەن تۇنىسلىق ئانىس ئامرىنىڭ، بېرلىندىكى ھۇجۇمدىن كېيىن نەق مەيداندا كىملىكى تېپىلدى، بۇنىڭغا قارىتا ئانىس ئامرى ئۈستىدىن ياۋروپا مىقىياسىدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.
ئىتالىيە خەۋپسىزلىك تارماقلىرى گۇماندارنىڭ ئۆلۈك قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىتالىيەگە قاچان ۋە قانداق كىرگەنلىكى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرمىدى.
گېرمانىيە ساقچىلىرىنىڭ بۇرۇنمۇ 24 ياشلىق ئامرىنىڭ قورال سېتىۋېلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى مەلۇم مەزگىل يېقىندىن كۆزەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
رادىكال تەشكىلاتلار بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىدىن گۇمانلىنىپ كۆزىتىلگەن ئامرى توغرۇلۇق چىقىرىلغان كۆزىتىش قارارى مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن «ئۇنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ئارىلىشىپ قالغانلىقى، ئارىلىقتا جېدەلمۇ چىقارغانلىقى،لېكىن دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى»سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، گېرمانىيەدىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەندىن كېيىن ئىككى جىنايى قىلمىش بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان ۋە ھەر ئىككىلى قېتىم قويۇپ بېرىلگەن ئامرى، ئىلگىرىمۇ ئىتالىيەدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۆت يىل قاماقتا ياتقان ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.