سىلوۋاكىيە پىرېزىدېنتى مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق قانۇننى رەت قىلدى

سىلوۋاكىيە پىرېزىدېنتى ئاندرېج كىسكا، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي جامائەت تەشكىل قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان قانۇننى ئاساسىي قانۇنغا زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ رەت قىلدى.

635113
سىلوۋاكىيە پىرېزىدېنتى مۇسۇلمانلارغا زىيانلىق قانۇننى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىلوۋاكىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، پىرېزىدېنت كىسكانىڭ رەت قىلىش سەۋەبىگە قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ «ئاساسىي قانۇندا كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان ئاساسىي ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى نامۇۋاپىق شەكىلدە دەخلىگە ئۇچرىتىدۇ» دەپ ئىزاھات بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

پىرېزىدېنت تەرىپىدىن رەت قىلىنغان مەزكۇر قانۇن پارلامېنتتا قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئوڭچىل ئىدىيەدىكى شېرىكى سىلوۋاكىيە مىللىي پارتىيەسى تەرىپىدىن ھازىرلانغان  مەزكۇر قانۇن تەكلىپى، 30- نويابىردا ئۆكتىچىلەرنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا پارلامېنت تەرىپىدىن كۆپ سانلىقنىڭ ئاۋازى بىلەن قوبۇل قىلىنىپ قانۇنلاشقانىدى. مەزكۇر قانۇن، بىر دىنىي قاتلامنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 20 مىڭ ئەزاسى بولۇش شەرتىنى 50 مىڭغا چىقارغانىدى. بۇنداق بولغاندا، سىلوۋاكىيەدە ئىسلامنىڭ رەسمىي دىن، دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ جامە سېلىشى ئۈچۈن، كەم دېگەندە 50 مىڭ تىزىمغا ئېلىنغان ئەزاسى بولۇشى شەرت قىلىناتتى.

مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 5 مىڭ ئەتراپىدا بولغان سىلوۋاكىيەدە جامە يوق. مۇسۇلمانلارنىڭ جامە سېلىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسلىرى، دىنىي جامائەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان 20 مىڭغا يەتمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ئىزچىل ھالدا رەت قىلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر