سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئېتىراپ مىسالى» يەمەن باياناتى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

رىياد دائىرىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە دائىر باياناتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

634292
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ «ئېتىراپ مىسالى» يەمەن باياناتى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رىياد دائىرىلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ 20 ئاينىڭ مابەينىدە مىڭلارچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئەنگلىيەنىڭ شراپنېل بومبىلىرىنى ئىشلىتىشنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشمە كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى، BL_755 تىپلىق شراپنېل بومبىلىرىنىڭ پەقەت نىشانلارنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىدە چەكلىك دائىرىدە ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتچى يەنە، بۇ قوراللارنىڭ پەقەت قانۇنلۇق ھەربىي نىشانلارغا قارشى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەھەر ۋە يېزىلىرىنى مۇداپىئە قىلىش مەقسىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل فاللون، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنگلىيەدە ياسالغان قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، لېكىن بۇلارنىڭ 80- يىللاردا سېتىۋېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنى پەقەت يەمەندىلا ئىشلەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيە قانۇنلىرى شراپنېل بومبىلىرىنى سېتىشنى پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، 2010 – يىلى مەنئى قىلغانىدى. ئۆكتىچى ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى بولسا، شراپنېل بومبىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنىڭ جەزملەشتۈرۈلۈشىنىڭ «چوڭقۇر ئەندىشە» پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

70- يىللاردا ئىشلەپچىقىرىلغان شراپنېل بومبىلىرىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بولسا، ئەنگلىيەنى مەنئى قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىشلەپچىقىرىلىپ سېتىلغان قوراللارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر