ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پىشقەدەم مەمۇرلار يىغىنى باشلىدى

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پىشقەدەم مەمۇرلار يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدە باشلىدى.

633379
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پىشقەدەم مەمۇرلار يىغىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە ۋاكالىتەن تۈركىيەنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى سالىھ مۇتلۇ شەن ئىشتىراك قىلىۋاتقان يىغىندا، ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررورلۇق ۋە ئىسلاموفوبىيا مەسىلىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ قېتىمقى پىشقەدەم مەمۇرلار يىغىنىغا ئىران رىياسەتچىلىك قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر