رۇسىيە خىتايدىن ئەندىشىلەنمەكتە

رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانى ۋالېرىي گېراسىموۋ خىتاي تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان يادرو پىروگراممىلارنىڭ رۇسىيەنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئىېيتتى.

631983
رۇسىيە خىتايدىن ئەندىشىلەنمەكتە

 

رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانى ۋالېرىي گېراسىموۋ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايلاردا كۈچىيىشى ھەمدە خىتاي تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقان يادرو پىروگراممىلارنىڭ رۇسىيەنى ئەندىشىلەندۈرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە ئارمىيە باش قوماندانى ۋالېرىي گېراسىموۋ رۇسىيەدە چەتئەللىك ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۈچۈن چاقىرىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىۋاتقان ئۇنسۇرلار ئارىسىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ چېگرايىمىز ئەتراپىدا كۈچەيتىلىشى ھەمدە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ يادرو پىروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى بار» دېدى. 

ۋالېرىي گېراسىموۋ بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئافغانىستاندا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنىڭ قۇيۇقلىشىشى، سۈرىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقىدا كۆرۈلىۋاتقان مۇقىمسىزلىق، لىۋىيە، ئىراق ۋە يەمەندىكى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشىشى، دائېشنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قوراللىق توقۇنۇشلارنىڭمۇ ئەندىشىلىك  ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر