ئەنگلىيەنىڭ ب د ت ۋەكىلى: ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مىڭلارچە كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ

رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالي چۇركىن، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېيتتى.

630165
ئەنگلىيەنىڭ ب د ت ۋەكىلى: ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە مىڭلارچە كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى يوقاپ كېتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋىتالي چۇركىن، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، سۈرىيە ھاكىمىيىتى كۈچلىرىنىڭ شەھەرنىڭ كونتروللۇقىنى قايتىدىن قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشى، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە پۇقرالارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن جىددىي يىغىن چاقىردى. يىغىندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بايانات بەرگەن چۇركىن، «ئۆكتىچىلەر ئايرىلىشقا باشلىدى. ھەربىي ھەرىكەتلەر توختىدى ۋە ھەلەبنىڭ شەرقىدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى ھەلەبنىڭ شەرقىنى يېڭىدىن كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى» دېدى.

چۇركىن بىر مۇخبىرنىڭ «ھەلەبتە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتىڭىز، لېكىن، ۋىدېئولارنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئۇ يەردە قايتىدىغان ئۆي قالمىدى» دېگەن سوئالىغا «كۆردۈم، قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال» دەپ جاۋاب بەردى.

ب د ت  سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئىستېفان دې مىستۇرا بولسا، ھەلەبنىڭ شەرقىدە 50 مىڭ پۇقرا، 1500 گە يېقىن ئۆكتىچى جەڭچىنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ %30 ىنى ئەننۇسرە مەنسۇپلىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئۆكتىچىلەرنىڭ يېنىك قوراللىرىنى ئېلىپ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىنىپ قىلىنمايدىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، بۇ دەتالاش قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۆكتىچىلەر ئىدلىبكە كېتىدۇ. ئۆكتىچىلەر بىلەن بىرلىكتە كېتىشنى خالايدىغان پۇقرالارنىڭمۇ كېتىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىدا چىڭ تۇرۇۋاتىمىز» دېدى.

دې مىستۇرا، ھاكىمىيەت كۈچلىرى ۋە رۇسىيەدىن ب د ت  نىڭ ھەلەبكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ماتتېۋ رايكروفتمۇ كېڭەشتە سۆز قىلىپ، بۈگۈننىڭ ھەلەب ئۈچۈن يېقىنقى بەش يىل ئىچىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ كۈن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەلەبنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆلۈم بىلەن خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رايكروفت، «ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە يۈزلەرچە ياكى مىڭلارچە كىشى ئۆلتۈرۈلىدۇ ياكى ئاقىۋىتى نامەلۇم شەكىلدە يوقاپ كېتىدۇ» دېدى.

ھەلەبتە ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىماسلىق ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى، كىشىلەرنىڭ تىرىك ھالەتتە كۆيدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن رايكروفت، «بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش قەتلىئاملار يۈز بەرگەندە <ئىككىنچى قېتىم قەتئىي بولمايدۇ> دېگەنىدۇق، لېكىن بۈگۈن ئوخشاش ئىشلار قايتا يۈز بەرمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھەلەبنىڭ قولدىن كېتىشىنىڭ ئەسەد ئۈچۈن بىر غەلىبە بولمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان رايكروفت، ئەسەدنىڭ ئېغىر شەكىلدە ۋەيران قىلغان، پارچىلىۋەتكەن بىر دۆلەتنى باشقۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ب د ت  دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامانتا پوۋېر بولسا، ھەلەبتە يۈز بەرگەن قەتلىئاملارنى ئاڭلىتىپ، بۇ جىنايەتلەرنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن رۇسىيە بىلەن ئىراننى ئەيىبلىدى. ئۇ، «ھەلەب، رۇئاندا، سرېبرېنىتسا ۋە ھەلەبچەگە ئوخشاش تارىخ ئېڭىمىزدا ئونلارچە يىل ئۆتسىمۇ بىر داغ بولۇپ قالىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر