«ئامېرىكا تېررورچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ ئوت بىلەن ئويناۋاتىدۇ»

دوگلاس ۋە ساراھ ئاللىسون تاشقى سىياسەت مەركىزى مۇدىرى لۇك كوففېي، ئامېرىكىنىڭ پ ي د –ي پ گ نى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئوت بىلەن ئويناش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

629510
«ئامېرىكا تېررورچىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەپ ئوت بىلەن ئويناۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى مىراس ۋەقپىسىگە قاراشلىق دوگلاس ۋە ساراھ ئاللىسون تاشقى سىياسەت مەركىزى مۇدىرى لۇك كوففېي، ئامېرىكىنىڭ پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى بولغان پ ي د –ي پ گ نى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىشىنىڭ ئوت بىلەن ئويناش بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى بولغان پ ي د  ۋە  ئۇنىڭ قوراللىق قانىتى بولغان  ي پ گ نىڭ ھەققىي ئىدىئولوگىيەسىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان كوففېي مۇنداق دېدى: «بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھاياتىنىڭ ياكى بىر باج تاپشۇرغۇچىنىڭ بېجىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن خەتەرگە ئىتتىرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانسا كۈچلۈك نەپرەت پەيدا بولىدۇ.»

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلمىلىق ۋە چوڭقۇر مۇناسىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن لۇك كوففېي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ناتو ئىتتىپاقدېشىمىز بولغان تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى سادىر قىلغان ۋە ئامېرىكا ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلات دەپ ئېتىراپ قىلىنغان پ ك ك  بىلەن چېتىشلىقى بولغان كوممۇنىست گۇرۇھلارنى قەتئىي قوللىماسلىق كېرەك.»

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدە CIA نىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان گۇرۇھلار بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان پ ي د نى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەپ ھەربىي تەلىم-تەربىيە بېرىشىگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن كوففېي مۇنداق دېدى: «بۇ سەۋەبتىن ترامپ ھاكىمىيىتى ئامېرىكىنىڭ پ ي د نى قوللاش سىياسىتىگە دەرھال خاتىمە بېرىشى كېرەك.»
لۇك كوففېي ئامېرىكىنىڭ  بولۇپمۇ تېررور بىلەن چېتىشلىقى بولغان گۇرۇھلار بىلەن ئالاقە ئىچىدە بولسا بولمايدىغانلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.  

ئامېرىكىدىكى بەزى مۇھىم شەخسلەر ۋە ئانالىزچىلارنىڭ پ ي د، پ ك ك ۋە ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىقلارنى تولۇق بىلمەيدىغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن كوففېي يەنە مۇنداق دېدى: «ئىراق كۈرت رايونلۇق ھاكىمىيىتىنى قوللىسا بولىدۇ، بىراق باشقا كۈرت گۇرۇھلارنى قوللىماسلىق كېرەك.»

سۈرىيەدە 2011-يىلى باشلىغان ئىچكى ئۇرۇشتا ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتمەسلىكنى مۇھىم سىياسەت سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلگەن ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ، دائېشقا قارشى كۈرەشلەر دائىرىسىدە پ ي د گە تايانغانلىقى ۋە يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا ناچار سۈرىيە سىياسىتى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ئانالىزلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ پ ي د نىڭ قوراللىق قانىتى بولغان ي پ گ نى زور مىقداردا قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلىشى،ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان سەزگۈرلۈكىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمەسلىك تەرىقىسىدە ئانالىز قىلىنماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر