خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك كۈچەيمەكتە

ياپونىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقەت بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىشى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولدى» دېدى.

629683
خىتاي بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ئوكىناۋا ۋە مىياكو ئاراللىرى ئۈستىدە ئۈچۈشى، ئارقىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئايروپىلانلىرىمىز ياپونىيە تەرىپىدىن نىشانغا ئېلىنىپ دەخلى قىلىندى» دېگەننى ئىلگىرى سۈرىشى ياپونىيەنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 

ياپونىيە خىتايغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشلىرىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ۋە تەجرىبىسىزلەرچە بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ياپونىيە دۆلەت كابېنتى باش كاتىپى يوشىھىدە سۇگا «خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ھەقىقەت بىلەن قىلچە ئالاقىسى بولمىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىشى ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولدى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا كۈچلۈك بىر شەكىلدە نارازىلىق بىلدۈرۈشنى باشلايمىز» دېدى.

يوشىھىدە سۇگا، ياپونىيەنىڭ خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا خەۋپ شەكىللەندۈردىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى پەقەتلا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى كۆزۈتىش بىلەنلا بولدى قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي بولسا، ئايروپىلاننىڭ رادار قۇلۇپلىرىنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى، ياپونىيەگە تەۋە «F-15» ئايروپىلانلىرىنىڭ يېقىنلىشىشى ھەم خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ، ھەم ئۇچۇقۇچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي قىسمىدا «يىراق دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيەسى ھەربىي مانىۋېرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ماڭغان خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيەگە تەۋە 2 دانە «F-15» ئايروپىلانلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ رادار قۇلۇپلىرىنىڭ ئېتىلىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  ياپونىيەگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار شەنبە كۈنى خىتاي ئىگىلىك داۋاسى قىلىۋاتقان تەيۋەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ياپونىيە بىلەن خىتاي بولۇپمۇ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش تارتىشلىق ئارالچىلار سەۋەبىدىن پات - پات يىرىكلىشىپ كەلمەكتە.

بۇ ئارالچىلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەۋا قىلىۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرى ياپونىيەنىڭ تاقىم ئاراللىرىنى دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزۋالغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.

ھازىر ھەم ياپونىيەنىڭ پاراخوتلىرى، ھەم خىتاينىڭ پاراخوتلىرى مەزكۇر ئاراللارنىڭ ئەتراپىدا ئۈزلۈكسىز چارلاش ئېلىپ بارماقتا.

يەكشەنبە كۈنىمۇ خىتايغا تەۋە 3 پاراخوتنىڭ سېنكاكو ئاراللىرىدا چارلاش ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر